
======================================================================
LibreOfficeDev 26.2 ReadMe
======================================================================


بۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ھۆججىتىنىڭ ئەڭ يېڭىسىنى https://git.libreoffice.org/core/tree/master/README.md دىن كۆرۈڭ

بۇ ھۆججەت LibreOfficeDev يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى مۇھىم ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئورنىتىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

LibreOfficeDev جامائىتى بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىجادىيىتىگە مەسئۇل، سىزنىڭمۇ بىزگە قوشۇلۇپ، جامائىتىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىڭىزنى تەكلىپ قىلىمىز. ئەگەر سىز يېڭى ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز، LibreOfficeDev تور بېكەتنى زىيارەت قىلىپ، LibreOfficeDev قۇرۇلۇشى ۋە جامائەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز.  https://www.libreoffice.org/ نى زىيارەت قىلىڭ.

LibreOfficeDev راستىنلا ھەر قانداق ئىشلەتكۈچىگە ھەقسىزمۇ؟
----------------------------------------------------------------------

LibreOfficeDev ھەممە ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن ھەقسىز. سىز LibreOfficeDev نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىغا ئېرىشەلەيسىز، ئۇنى خالىغان كومپيۇتېرغا ئورناتسىڭىز ھەمدە ئېھتىياجلىق ھەر قانداق ساھە (سودا، ھۆكۈمەت، ئاممىۋى باشقۇرۇش ۋە مائارىپ ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى LibreOfficeDev نى چۈشۈرگەن ئىجازەت كېلىشىم مەزمۇنىدىن كۆرۈڭ.

LibreOfficeDev نېمە ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشلەتكۈچىگە ھەقسىز؟
----------------------------------------------------------------------

ھازىر LibreOfficeDev نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى ھەقسىز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنى شەخسىي تۆھپىكارلار ۋە مەھەللىدىكى تەشەببۇس قىلغۇچىلار لايىھەلەپ، ئېچىپ، سىناپ، تەرجىمە قىلىپ، باھالاپ، قوللاپ، كېڭەيتىپ شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەم بېرىپ LibreOfficeDev نى بۈگۈنكى كۈندىكى - دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق مەنبە كودى ئاشكارا ئىشخانا يۇمشاق دېتالىغا ئايلاندۇرغان.

If you appreciate their efforts, and would like to ensure that LibreOfficeDev continues to be available far into the future, please consider contributing to the project - see https://www.libreoffice.org/community/get-involved/ for details. Everyone can make a contribution of some kind.

----------------------------------------------------------------------
قاچىلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
----------------------------------------------------------------------

LibreOfficeDev نىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى نەشرىدىكى JAVA ئىجرا مۇھىتى (JRE) زۆرۈر. JRE مۇھىتى LibreOfficeDev ئورنىتىش بوغچىسىدا يوق، ئايرىم ئورنىتىش كېرەك.

سىستېما تەلىپى
----------------------------------------------------------------------

ئادەتتە مۇئەييەن لىنۇكىس تارقىتىش نەشرى تەۋسىيە قىلغان ئورنىتىش ئۇسۇلى(مەسىلەن ئۇبۇنتۇ لىنۇكىسنىڭ ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى) دا LibreOfficeDev نى ئورنىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئورنىتىشقا ئېرىشىش ئەڭ ئاسان ھەمدە سىستېما بىلەن توپلاشتۇرۇلۇش دەرىجىسى ئەڭ ياخشى. LibreOfficeDev بەلكىم لىنۇكىس مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئورناتقاندا بىللە ئورنىتىلغان بولۇشى مۇمكىن.

مەزكۇر LibreOfficeDev مۇستەقىل ئورنىتىش بوغچىسى ئالدىن كۆزىتىدىغان، ئالاھىدە ئېھتىياجى بار ياكى ئىشلىتىش ئورنى ئالاھىدە بولغان ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلىنىدۇ.

* Linux Kernel version 4.18 or higher;
* glibc2 version 2.27 or higher;
* FreeType version 2.8.0 or higher;
* GTK version 3.24 and ATK version 2.36 or higher;
* GNOME, or another compatible desktop environment (such as KDE Plasma, among others).

There is a wide variety of Linux distributions, and there may be different installation options (KDE vs GNOME, etc.) available from the same Linux vendor. Some distributions ship with their own “native” version of LibreOfficeDev, which may have different features from this community-supplied version of LibreOfficeDev. In many cases, you can install the community-supplied LibreOfficeDev alongside a native version. However, you may prefer to remove the “native” version before installing this community-supplied version. For details on how to do that, please consult the user help resources provided by your particular Linux vendor.

يۇمشاق دېتال ئۆچۈرۈش ياكى ئورنىتىشتىن ئىلگىرى سىستېمىنى زاپاسلىۋېلىشنى ياخشى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

سىستېمىنىڭ ۋاقىتلىق مۇندەرىجىسىدە يېتەرلىك بوشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، ھەمدە ئوقۇش، يېزىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى جەزملەڭ. ئورنىتىش جەريانىنى باشلاشتىن ئىلگىرى باشقا ھەممە پروگراممىلارنى تاقاڭ.

Debian/Ubuntu ئاساسىدىكى لىنۇكىس سىستېمىسىغا LibreOfficeDev ئورنىتىش
----------------------------------------------------------------------

تىل بوغچىسىنى قانداق ئورنىتىش ھەققىدە (ئا ق ش ئىنگلىزچە نەشرىدىكى LibreOfficeDev نى ئورناتقاندىن كېيىن)، تۆۋەندىكى تىل بوغچىسى ئورنىتىش بۆلىكىنى ئوقۇڭ.

When you unpack the downloaded archive, you will see that the contents have been decompressed into a sub-directory. Open a file manager window, and change directory to the one starting with "LibreOfficeDev_", followed by the version number and some platform information.

بۇ مۇندەرىجە "DEBS" ئاتلىق تارماق مۇندەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇندەرىجىنى "DEBS" غا ئۆزگەرتىڭ.

قىسقۇچنى چاشقىنەكتە ئوڭ چېكىپ «تېرمىنالغا ئاچ»نى تاللاڭ. تېرمىنال كۆزنىكىدىن بىرى ئېچىلىدۇ. تېرمىنال كۆزنەكتىكى بۇيرۇق قۇرىغا تۆۋەندىكى بۇيرۇق(بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى root باشقۇرغۇچى ئىمنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن)نى كىرگۈزۈڭ:

The following commands will install LibreOfficeDev and the desktop integration packages (you may just copy and paste them into the terminal screen rather than trying to type them):

sudo dpkg -i *.deb

ئورنىتىش جەريانى تاماملاندى، LibreOfficeDev قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ سىنبەلگىسى ئۈستەلئۈستىدىكى پروگراممىلار/ئىشخانا تىزىملىكىدە.

Fedora، openSUSE، Mandriva ۋە باشقا RPM بوغچىسى ئىشلىتىدىغان Linux سىستېمىسىدا LibreOfficeDev ئورنىتىش
----------------------------------------------------------------------

تىل بوغچىسىنى قانداق ئورنىتىش ھەققىدە (LibreOfficeDev نىڭ ئا ق ش ئىنگلىزچە نەشرىنى ئورناتقاندىن كېيىن)، تۆۋەندىكى تىل بوغچىسى ئورنىتىش بۆلىكىنى ئوقۇڭ.

When you unpack the downloaded archive, you will see that the contents have been decompressed into a sub-directory. Open a file manager window, and change directory to the one starting with "LibreOfficeDev_", followed by the version number and some platform information.

بۇ مۇندەرىجە "RPMS" ئاتلىق تارماق مۇندەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇندەرىجىنى "RPMS" غا ئۆزگەرتىڭ.

قىسقۇچنى چاشقىنەكتە ئوڭ چېكىپ «تېرمىنالغا ئاچ»نى تاللاڭ. تېرمىنال كۆزنىكىدىن بىرى ئېچىلىدۇ. تېرمىنال كۆزنەكتىكى بۇيرۇق قۇرىغا تۆۋەندىكى بۇيرۇق(بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى root باشقۇرغۇچى ئىمنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن)نى كىرگۈزۈڭ:

For Fedora-based systems: sudo dnf install *.rpm

Mandriva ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: sudo urpmi *.rpm

باشقا RPM ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن (openSUSE قاتارلىقلار.): rpm -Uvh *.rpm

ئورنىتىش جەريانى تاماملاندى، LibreOfficeDev قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ سىنبەلگىسى ئۈستەلئۈستىدىكى پروگراممىلار/ئىشخانا تىزىملىكىدە.

ئۇنىڭدىن باشقا، سىز 'install' قوليازمىسىنى ئىشلىتەلەيسىز. چوققا مۇندەرىجىگە ساقلانغان بۇ بوغچىنى ئىشلەتكۈچى سالاھىيىتىدە ئورنىتالايسىز. بۇ قوليازما LibreOfficeDev ئورنىتىشنىڭ ئۆزىنىڭ سەپلىمە ھۆججىتى بولۇشىنى تەڭشەيدىۇ، ئۇ سىزنىڭ ئادەتتىكى LibreOfficeDev سەپلىمە ھۆججىتىڭىزدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. دىققەت، ئۇ سىستېما بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بۆلەكلەرنى ئورناتمايدۇ، مەسىلەن، ئۈستەلئۈستى تىزىملىك تۈرلىرى ۋە ئۈستەلئۈستى MIME  تىپى خەتلەش قاتارلىق.

ئۈستىدە تىلغا ئېلىنمىغان لىنۇكىس تارقىتىش نەشرىدە ئۈستەلئۈستى توپلاشتۇرۇش ھەققىدە
----------------------------------------------------------------------

مەزكۇر ئورنىتىش چۈشەندۈرۈشىدە باشقا لىنۇكىس تارقىتىش نەشرىدە LibreOfficeDev نى ئورنىتىش ئاسان بولغاچقا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىدى. ئاساسلىق يولۇقىدىغان ئوخشىماسلىق ئۈستەلئۈستى توپلاشتۇرۇش.

The RPMS (or DEBS, respectively) directory also contains a package named libreofficedev26.2-freedesktop-menus-26.2.0.1-1.noarch.rpm (or libreofficedev26.2-debian-menus_26.2.0.1-1_all.deb, respectively, or similar). This is a package for all Linux distributions that support the Freedesktop.org specifications/recommendations (https://en.wikipedia.org/wiki/Freedesktop.org), and is provided for installation on other Linux distributions not covered in the aforementioned instructions.

تىل بوغچىسىدىن بىرنى ئورنىتىۋاتىدۇ
----------------------------------------------------------------------

ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان تىل ۋە سۇپىدىكى تىل بوغچىسىنى چۈشۈرۈڭ. ئاساسىي ئورنىتىش بوغچىسى بىلەن ئوخشاش جايغا ساقلاڭ. Nautilus ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق چۈشۈرگەن بوغچىنى مۇندەرىجە(مەسىلەن، ئۈستەلئۈستى)گە يېشىڭ. بارلىق LibreOfficeDev قوللىنىشچان پروگرامما(تېز قوزغاتقۇچ، ئەگەر قوزغىتىلغان بولسا)دىن چېكىنگەنلىكىڭىزنى جەزملەڭ.

مۇندەرىجىنى سىز تىل بوغچىسىنى چۈشۈرۈپ يەشكەن مۇندەرىجىگە ئۆزگەرتىڭ.

Now change directory to the directory that was created during the extraction process. For instance, for the French language pack for a 32-bit Debian/Ubuntu-based system, the directory is named LibreOfficeDev_, plus some version information, plus Linux_x86_langpack-deb_fr.

ھازىر ئورنىتىش بوغچىسى بار مۇندەرىجىگە ئالمىشىڭ. Debian/Ubuntu ئاساسىدىكى سىستېمىدا مۇندەرىجە DEBS بولىدۇ، Fedora، openSUSE ياكى Mandriva سىستېمىسىدا، مۇندەرىجە RPMS بولىدۇ.

Nautilus ھۆججەت باشقۇرغۇچتا، قىسقۇچنى چاشقىنەكتە ئوڭ چېكىپ «تېرمىنالغا ئاچ»نى تاللاڭ. تېرمىنالدا ئېچىلغان كۆزنەكتە تىل بوغچىسى ئورنىتىدىغان بۇيرۇق(تۆۋەندىكى بۇيرۇقنىڭ ھەممىسى، بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى root باشقۇرغۇچى ئىمنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن)نى كىرگۈزۈڭ:

Debian/Ubuntu ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: sudo dpkg -i *.deb

For Fedora-based systems: su -c 'dnf install *.rpm'

Mandriva ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: sudo urpmi *.rpm

باشقا RPM ئىشلىتىدىغان سىستېما ئۈچۈن (openSUSE قاتارلىقلار.): rpm -Uvh *.rpm

Now start one of the LibreOfficeDev applications - Writer, for instance. Go to the Tools menu and choose Options. In the Options dialog box, click on "Languages and Locales" and then click on "General". Dropdown the "User interface" list and select the language you just installed. If you want, do the same thing for the "Locale setting", the "Default currency", and the "Default languages for documents".

بۇ تەڭشەكلەرنى تەڭشىگەندىن كېيىن «جەزملە»نى چېكىڭ. سۆزلەشكۈ يېپىلىدۇ. بۇ چاغدا سىزنىڭ ئۆزگەتىشىڭىزنىڭ LibreOfficeDev دىن چېكىنىپ، قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدىغان ئۇچۇردىن بىرنى تاپشۇرۇۋالىسىز.(شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەگەر تېز قوزغىتىشنى قوزغاتقان بولسىڭىز ئۇنىڭدىنمۇ چىكىنىشىڭىز لازىم).

LibreOfficeDev نى كېيىنكى قېتىم قوزغاتقىنىڭىزدا، سىز ھازىر ئورناتقان تىلدا قوزغىلىدۇ.

----------------------------------------------------------------------
پروگرامما قوزغالغاندا كاشىلا كۆرۈلدى
----------------------------------------------------------------------

Difficulties starting LibreOfficeDev (e.g. applications hang) as well as problems with the screen display are often caused by the graphics card driver. If these problems occur, please update your graphics card driver or try using the graphics driver delivered with your operating system.

----------------------------------------------------------------------
تېز كۇنۇپكا
----------------------------------------------------------------------

LibreOfficeDev دا پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسى ئالدىن بېكىتمىگەن تېز كۇنۇپكا (بىرىكمە كۇنۇپكا)نىلا ئىشلىتەلەيدۇ. ئەگەر LibreOfficeDev ياردىمىدە بايان قىلىنغان بەزى بىرىكمە كۇنۇپكىلار LibreOfficeDev نى ئىشلەتكەندە رولى بولمىسا بۇ تېز كۇنۇپكىلارنى مەشغۇلات سىستېمىسى ئىگىلىگەن ئىگىلىمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر بۇ توقۇنۇشنى يوقاتماقچى بولسىڭىز مەشغۇلات سىستېمىڭىز كۆڭۈلدىكى تېز كۇنۇپكىسىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، LibreOfficeDev دىكى زور كۆپ قىسىم تېز كۇنۇپكىلارنى قايتا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى LibreOfficeDev ياردىمى ياكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ياردەم پۈتۈكىدىن كۆرۈپ پايدىلىنىڭ.

----------------------------------------------------------------------
ھۆججەت قۇلۇپلانغان
----------------------------------------------------------------------

LibreOfficeDev دا كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا ھۆججەت قۇلۇپلاش قوزغىتىلغان. توردا ئىشلىتىدىغان تور ھۆججەت سىستېما كېلىشىمى (NFS)دىكى ,  NFS خېرىدارىدا جەرياننى قۇلۇپلاش چوقۇم ئاكتىپ بولۇشى لازىم. ھۆججەت قۇلۇپلاشنى چەكلەشتە soffice قوليازمىنى تەھرىرلەپ،  "export SAL_ENABLE_FILE_LOCKING" قۇرنى "# export SAL_ENABLE_FILE_LOCKING"غا ئۆزگەرتىڭ. ئەگەر ھۆججەت قۇلۇپلاشنى چەكلىسىڭىز،پۈتۈكتىن بىرنى يېزىشتا كىمنىڭ بۇ پۈتۈكنى بىرىنچى بولۇپ ئاچقانلىق چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

----------------------------------------------------------------------
گىرافىكلىق ئىقتىدار
----------------------------------------------------------------------

كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا LibreOfficeDev سۈرئەتتىن گرافىكلىق كۆرۈنۈشكە مايىلراق. ئەگەر گرافىكلىق كۆرۈنۈشنى ئاستا ھېس قىلسىڭىز، «قورال - تاللانما - LibreOfficeDev - كۆرۈنۈش - ھەرە چىشقا قارشى تۇرۇشنى ئىشلەت»نى تاقىسىڭىز ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.

----------------------------------------------------------------------
قوشۇمچە ئىقتىدارنىڭ مۇھىم ئەسكەرتىشى
----------------------------------------------------------------------

For more information on the accessibility features in LibreOfficeDev, see https://www.libreoffice.org/accessibility/

----------------------------------------------------------------------
ئىشلەتكۈچى قوللاش
----------------------------------------------------------------------

The main support page offers various possibilities for help with LibreOfficeDev. Your question may have already been answered - check the Community Forum at https://ask.libreoffice.org/ or search the archives of the 'users@libreoffice.org' mailing list at https://www.libreoffice.org/lists/users/. Alternatively, you can send in your questions to users@libreoffice.org. If you like to subscribe to the list (to get email responses), send an empty mail to: users+subscribe@libreoffice.org.

Also check the FAQ section at the LibreOffice website.

----------------------------------------------------------------------
كەمتۈكلۈك دوكلاتى & مەسىلە
----------------------------------------------------------------------

Our system for reporting, tracking and solving bugs is currently Bugzilla, hosted at https://bugs.documentfoundation.org/. We encourage all users to feel entitled and welcome to report bugs that may arise on your particular platform. Energetic reporting of bugs is one of the most important contributions that the user community can make to the ongoing development and improvement of LibreOfficeDev.

----------------------------------------------------------------------
چېتىلىش
----------------------------------------------------------------------

سىزنىڭ مەنبە كودى ئاشكارا بولغان بۇ مۇھىم تۈر تەرەققىياتىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىڭىز LibreOfficeDev ئىجتىمائىي رايونىغا كۆپ ياردىمى بار.

As a user, you are already a valuable part of the suite's development process and we would like to encourage you to take an even more active role with a view to being a long-term contributor to the community. Please join and check out the contributing page at the LibreOffice website.

باشلاش ئۇسۇلى
----------------------------------------------------------------------

The best way to start contributing is to subscribe to one or more of the mailing lists, lurk for a while, and gradually use the mail archives to familiarize yourself with many of the topics covered since the LibreOfficeDev source code was released back in October 2000. When you're comfortable, all you need to do is send an email self-introduction and jump right in. If you are familiar with Open Source Projects, check out our To-Dos list and see if there is anything you would like to help with at the LibreOffice website.

ئېلخەتكە مۇشتەرى
----------------------------------------------------------------------

Here are a few of the mailing lists to which you can subscribe at https://www.libreoffice.org/get-help/mailing-lists/

* خەۋەر: announce@documentfoundation.org *ھەممە ئىشلەتكۈچىگە تەۋسىيە قىلىنىدۇ* (ئېلخەت سانى ئاز)
* ئاساسىي ئىشلەتكۈچىلەر تىزىمى: users@global.libreoffice.org *مۇنازىرە قىلىشنىڭ قولاي يولى* (ئېلخەت سانى كۆپ)
* بازارشۇناسلىق قۇرۇلۇشى: marketing@global.libreoffice.org *كېيىنكى تەرەققىيات* (ئېلخەت بارغانسېرى كۆپىيىدۇ)
* ئادەتتىكى ئىجادكارلار تىزىملىكى: libreoffice@lists.freedesktop.org (ئېلخەت سانى كۆپ)

بىر ياكى كۆپ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىڭ
----------------------------------------------------------------------

سىزنىڭ يۇمشاق دېتال لايىھىلەش ۋە كود يېزىش تەجرىبىڭىز يېتەرلىك بولمىسىمۇ مەنبە كودى ئاشكارا بولغان بۇ مۇھىم قۇرۇلۇشقا ئاساسلىق تۆھپە قوشالايسىز، شۇنداق، سىزمۇ تۆھپە قوشالايسىز!

سىزنىڭ يېڭى LibreOfficeDev 26.2 نى خۇشھال ئىشلىتىشىڭىزنى ، توردا سېپىمىزگە قوشۇلۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

LibreOffice مەھەللىسى

----------------------------------------------------------------------
ئىشلەتكەن/ئۆزگەرتكەن مەنبە كودى
----------------------------------------------------------------------

Portions نەشر ھوقۇقىغا ئىگە 1998, 1999 James Clark. Portions نەشر ھوقۇقىغا ئىگە 1996, 1998 Netscape Communications Corporation.